خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى تۇنجى تۆۋەن تەننەرختىكى ئاۋىئاتسىيە ئىتتىپاقى ئەلا ئاۋىئاتسىيە ئىتتىپاقى (Ufly) نىڭ قۇرۇلۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 18- يانۋار شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىتتىپاق ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىق، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ قاتناش تۈگۈنى ئەۋزەللىكى ۋە مول ھاۋا يولى ۋە تور بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ھەر ۋاقىت جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە ياخشىلاپ، يولۇچىلارنى ئاسىيادىكى 85ئورۇندىكى بازىرى ئىتتىك ساياھەت مەنزىلى ۋە 168شەھەرنى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئەلا ئاۋىئاتسىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئەلا ئاۋىئاتسىيە ئىتتىپاقىدىكى تۆت چوڭ ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىرلىكتە 118يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتى تارقىتىدىغان بۇلۇپ، سېتىۋېلىش ۋاقتى 2016-يىلى 18- يانۋاردىن 21- يانۋارغىچە بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 2016-يىلى 18- يانۋاردىن 21- يانۋارغىچە قەشقەر، غۇلجا، خوتەن، لەنجۇ - ئۈرۈمچىنىڭ 118يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ھەر قايسىدىن 550دانە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، غۇلجا، خوتەن، لەنجۇغا بارىدىغان 118يۈەنلىك ئالاھىدە باھالىق بېلىتىنىڭ ھەر قايسىدىن 550دانە بۇلۇپ جەمئىي 4400دانە تارقىتىدىكەن.، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى 1-فېۋرالدىن 26- مارتقىچە بولىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى