باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.19 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇدىغان ۋە جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ سۆزلىشىش يىغىنى 18- يانۋار مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو «جۇڭگو ئەرەب تاراتقۇلىرى ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى يارىتايلى» ماۋزۇلۇق ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  جياڭ جيەنگو نۇتقىدا، جۇڭگو ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ 3- تەرەپ نەزىرى ۋە باشلىقلارنىڭ خاھىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر بىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆزىتىشىنى،بىر بىرىنىڭ ساداسىنى ئۆز قۇلىقى ئاڭلاشنى، ئۆز سۆزى بىلەن بىر بىرسىنى كۆپرەك خەۋەر قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق 4 نۇقتىلىق ئويىنى ئوتتۇرغا قويدى، يەنى تىنچ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك سادا ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە تارقىتىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بىرلىكتە سۈرەتلەش، پارلاق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆز ئارا ئۆرنەك قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى بىرلىكتە پۇختىلاش.

  مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق 10 نەچچە ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەن تاراتقۇ ۋەكىللىرى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خەلقئارا تاراتقۇ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ تاراتقۇ ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب تاراتقۇلىرى ھەمكارلىقىدا قانداق قىلىپ تەرەققىيات ئىدىيەسى، ئىستراتېگىيەسى، تاكتىكىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى دوستلۇقىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ھەم كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر