باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئاسترونوملىرى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى كۆزەتتى

بۇ يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى قۇياش يورۇقلۇقىنىڭ 570 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ

2016.01.18 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىشىنىڭ خىيالىي سۈرىتى (بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيى تەمىنلىگەن)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «كاۋلى» ئاسترونومىيە ۋە ئاستروفىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۇڭ سۇبو رەھبەرلىكىدىكى بىر خەلقئارا ئەترەت يېقىندا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى بايقاپ، خەلقئارا ئاسترونومىيە ساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. تەتقىقات نەتىجىسى 15 يانۋار «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە ASASSN-15lh دەپ ئاتالغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 مىليارد 800 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدىكەن، ئاز ئۇچرايدىغان «كەم ھىدروگېنلىق ئىنتايىن يورۇق ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز» ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا تەۋەكەن. ئۇنىڭ بايقىلىشى ئىنتايىن يورۇق ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش سىرىنى يېشىشنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قاتتىق پارتلىشى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى دەپ ئاتىلىدۇ «كېيىنكى خەننامە»دە خاتىرىلىنىشىچە، ئېلىمىز ئاسترونوملىرى بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنلا ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى بايقىغان. ھازىر SN185 دەپ ئاتىلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز، ئاسترونوملار تەرىپىدىن la تىپىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان، ئىنسانلار تۈمەنلىگەن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشىنى خاتىرلىگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرىلىدىغىنى la تىپىكەن. بۇ قېتىم بايقالغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلاش كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى la تىپىنىڭ 200 ھەسسىسىدىن ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. تونۇشتۇرۇلىشىچە، ئاتالمىش ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا قاتتىق پارتلاش ھادىسىسىكەن.

  دۇڭ سۇبو مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيەسى بەك كۈچلۈك بولغاچقا، ھازىرقى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز نەزەرىيەسى بىلەن ئۇنىڭ پارتلاش مېخانىزمى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى توغرىسىدا كىشىنى رازى قىلغۇدەك چۈشەنچە بېرىش تەسكە توختايدۇ. ASASSN-15lh نىڭ ئەڭ كۈچلۈك يورۇقلۇق دەرىجىسى 570 مىليارد قۇياشنىڭ يورۇقلۇقىغا توغرا كېلىدۇ، سامانيولى سىستېمىسىدىكى 100 مىليارد تۇرغۇن يۇلتۇز ئومۇمىي يورۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر