باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تۈرگە بۆلۈپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.01.18 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2016-يىلى شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنى دۆلەتنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش قىيىن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى يۆلەش ۋە كاپالەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تۈرگە بۆلۈپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەل سەۋەبلىك قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش ياردەم سۇغۇرتىسغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىنغان، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش يۆلەش-ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلەرگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر