باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۆلەت دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

2016.01.15 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تېما: دۆلەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى كۆپ تەرەپلىك باشقۇرۇشنى تەڭ ئىشقا سالدى

  ئامما ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاتارلىق دىنىي سورۇنلارنىڭ راست- يالغانلىقىنى پەرقلەندۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىبادەتخانا قاتارلىق جايلارنى ھۆددىگە بېرىپ تىجارەت قىلىپ، ساۋاب ساندۇقىنى قالايمىقان تەسىس قىلىش، دىنىي خادىملار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ پۇل-مال توپلاش قاتارلىق قالايمىقان قىلمىشلارغا قارىتا، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن 14-يانۋار ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنىدا، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ «راست-يانغانلىقى»نى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  بۇددا دىنى، تويىن دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدا بىرلىككە كەلگەن «بەلگە تاختىسى» ئېسىش باشلاندى

  دىنىي ساھە ۋە ئېتىقادچى ئامممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ۋە دىنىي خادىملار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئاممىنى ئالداپ، دىندىن پايدىلىنىپ پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بۇددا دىنى، تويىن دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدا بىرلىككە كەلگەن بەلگە تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى، ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بەلگە تاختىسى ئېسىش خىزمىتىنى تاماملىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى يەنە بۇددا دىنى، تويىن دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى بۇددا دىنى، تويىن دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇددا دىنى پائالىيەت سورۇنى 33652، تويىن دىنى 8269 بولۇپ، ئىتىقادچى ئامما ۋە سالاھەتچىلەرنىڭ راست-يالغاننى پەرقلەندۈرۈشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم قىلدى.

  «ساۋاب ساندۇقى»نى قالايمىقان تەسىس قىلىش ھادىسىلىرى تۈزىتىلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە كوللېكتىپلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ساۋاب ساندۇقى تەسىس قىلىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل-مال ئالداپ ئۈندۈرۈۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئۆتكەن يىلى دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ج خ مىنىستىرلىكى، ئولتۇراق ئۆي مىنسىتىرلىكى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە «قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ساۋاب ساندۇقى تەسىس قىلىش قاتالرىق دىندىن پايدىلىنىپ پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىش مەسىلىلىرىنى تۈزەش مەخسۇس تۈر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەخسۇس تۈر تۈزەش خىزمىيىنى قانات يايدۇردى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  مەملىكەت بويىچە بۇددا دىنى، تويىن دىنى پائالىيەت سورۇنلىرنى «توردا تەكشۈرگىلى بولۇش»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى

  دىنىي خىزمەت ئاساسىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەكشۈرۈش سۇپىسىنى ئېچىۋېتىپ، جەمئىيەت ئاممىسىنىڭ ئىزدەش ۋە نازارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش، دىنىي ئىشلار خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ۋە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قالايمىقان تەسىس قىلىشنى تۈزەشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاستىدۇر. ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە كۆپ قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ئاساسىي ئۇچۇرلارنى سىتاتېستىكا قىلىپ يۇقىرىغا يوللاش خىزمىتىنى تاماملىدى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىزدەش قوللىنىشچان سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، توردا ئىشقا كىرىشتۈردى.

  خالىغانچە رىياسەتچى، باش راھىب بولىۋالغىلى بولمايدۇ

  ئۆتكەن يىلى، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتچى خادىملىرىنى ئەنگە ئېلىش مەخسۇس تۈر خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ھەرقايسى جايلار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتچى خادىملىرى (بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، تويىن دىنى سارايلىرىدىكى رىياسەتچى باش شەيخلار، ئىسلام دىنى مەسچىتلىرىدىكى ئاخۇن، ئىمام، خاتىبلار، كاتولىك دىنى چېركاۋلىرىدىكى باش باستېر قاتارلىقلار)نىڭ سايلىنىش، تەكلىپ قىلىش، باھالاش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق خىزمەتچى خادىلارنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر