باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«ئۈچ ئەل»پائالىيىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى

2016.01.18 16:50   مەنبە: خەلق تورى

«ئۈچ ئەل»پائالىيىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى

  ئەسلەتمە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2014-يىلى ئاپتونوم رايوندا «ئۈچ ئەل»پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 200مىڭ كادىرنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى قارار قىلغاندىن كېيىن، 2015 - يىلى بۇ پائالىيەت 2-يىلىغا قەدەم قويدى. 2-يىلى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە باغلاش، كېيىنكى يىللىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار بۇ پائالىيەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى. ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار ئاكتىپ قاتنىشىپ، پائالىيەتنى كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى ھەم مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پائالىيەت داۋامىدا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك خىزمەت گۇرۇپپىلىرى خىتابچى، تەشۋىقاتچى، ئۇرۇق چاچقۇچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مېھرىبانلىقىنى مەردانىلىك بىلەن سۆزلەپ، ئاممىنى ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، ئامما مۇداپىئە قىلىش ۋە ئامما تىزگىنلەش قوشۇنى سىستېمىسىنى ھەمكارلىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىلىرى دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تەشۋىقات تەربىيەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ئاممىغا يۈزتۇرانە تەشۋىق قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ھەمكارلىشىپ كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت بازىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئامما ئارىسىغا سىڭىپ، ئۇلارنىڭ ئوي - پىكرى ۋە ئۈمىد - ئارزۇلىرىنى ئىگىلەپ، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ئاخىرقى بىر بۆلەك يول، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ يىراق ئائىلىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەل رايىنى مۇجەسسەملىدى. 2015- يىلى 3 - دېكابىر قەشقەردە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتلەرگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك . «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى سىجىل ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ياخشى رول ئوينىيالايدىغان ئاساسىي قاتلام تايانچلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا «مەڭگۈ كەتمەس خىزمەت گۇرۇپپىسى» قالدۇرۇش كېرەك.

  بۇ يىل بۇ پائالىيەتنىڭ 3 - يىلى، يەنە 70مىڭغا يېقىن كادىر ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى، پارتىيەنىڭ نۇرىنى داۋاملىق تۈردە كەنتلەرگە يەتكۈزىدۇ. بۇ بىر يىلدا بىز جەزمەن ئىشەنچىمىزنى قەتئىي چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق رولىمىزنى، سۇبيېكتىپلىق رولىمىزنى جەزمەن ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىشىمىزگە، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر پۈتۈن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىشىمىز، پائالىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  «ئۈچ ئەل»پائالىيىتى ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2014 - يىلى 200مىڭ كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ «ئۈچ ئەل»پائالىيىتىنى باشلىغاندىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ يېڭى بىر تارىخ بېتى ئېچىلدى. كەنتكە چۈشكەن كادىرلار دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، ئۇلار بىلەن مۇڭداشتى، ھالىغا يەتتى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جان - دىلى بىلەن خىزمەت قىلدى. كەنت كومىتېتلىرى قورۇسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى، قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ياسالدى، يوللار ياسالدى، توپىلىق يوللار كەلمەسكە كەتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلدى، ياشلار ئىشقا ئورۇنلاشتى، تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلدى، زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىندى، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى كۈچەيتىلدى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتى، بازا قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. مۇقىملىق تېخىمۇ ياخشىلاندى، خەلق قەلبى شادلاندى....

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…