باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جىددىي تۆۋەنلەپ قار ياغدى

2016.01.19 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ھاۋا رايى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ دائىرىدە يەنە بىر قېتىم تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەپ قار ياغقان بۇلۇپ، شىمالىي شىنجاڭدا تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرىھال قاتتىق قار ياغقان.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 18 - يانۋار چۈشتىن كېيىندىن 20- يانۋارغىچە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ، بايىنغولىننىڭ شىمالى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا غەربتىن شەرققە قاراپ قار ياغىدىكەن،بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى بويلىرى، بورتالا ئوبلاستى، چۆچەك، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ شامال ئېغىزى سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىغان بۇلۇپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر