باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ تۆت چوڭ ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2016.01.19 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ). «پىكىر» نۆۋەتتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنىڭ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات شەرتلىرىدىكى زور ئۆزگىرىشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  «پىكىر»دە پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ تۆت چوڭ ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىرىنچى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىككىنچى، دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا رايونلاردا كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى قوللاپ، رايونلار ئارا ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۆتىنچى، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر