باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

21-ئەسىردە يېڭىچە، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشنى تەكىتلىدى

2016.01.18 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى 16-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «دىياۋيۈتەي»دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشى بىلەن، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى چوقۇم كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك-دىيانەتلىك 21-ئەسىردىكى يېڭىچە، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدىغان يېڭى سۇپىغا ئايلىنىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش، ياخشىلاشقا يېڭى كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىشى، ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىدۇ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ يەنە ئاسىيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئاسىيا ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنى پائال جانلاندۇرۇش رولى ئوينايدۇ. ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەندىزىسىنى تەڭشەش، ئۆزگەرتىش يۈزلىنىشىگە ماسلاشقان بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزۈش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق ئۈنۈملۈك يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بىز ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھى بىلەن، مەبلەغنى پائال كۆپەيتىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق كېڭەيتىپ، تېزراق كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپ تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بىر پۈتۈن كۈچىنى زورايتىپ، خەلقئارا تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر