باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

برازىلىيەلىك كىشىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رېكورتىنى جىننىس رېكورتى تەرەپ ئېتراپ قىلمىدى

2016.01.18 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: BBCبرازىلىيە قانىلىنىڭ 16-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، برازىلىيەدە يېقىندا بايقالغان 131ياشلىق كىشىنى جىننىس دۇنيا رېكورتى ئېتراپ قىلىنمىغان، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، 131ياشقىچە ياشاش ھەتتا بىر مىليارد 500مىليون دوللارلىق لاتارىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشتىن 30ھەسسە تەس ئىكەن.

  نۆۋەتتە بىرازىلىيەدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، برازىلىيەدىكى ئاساسلىق گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، جوس كوئەيلوت دسوسا ئىسىملىك بۇ بوۋايدا ھۆكۈمەت چىقىرىپ بەرگەن خىزمەت كېنىشكىسى، كىملىك ۋە تۇغۇلۇش ئىسپاتى قاتارلىق ئىسپاتلار بار بولۇپ، ئىسپاتلاردا بوۋاينىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنىڭ 1884-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

  بىراق جىننىس رېكورتى تەرەپ بۇ ئىسپاتلارنى تېخى ئېتراپ قىلمىدى. ئۇلار بېكىتكەن مەخسۇس «ياشانغانلار تىبابەت تەتقىقات تەشكىلاتى» «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشىغانلار رېكورتى»نى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، قۇرۇلغىنىغا 25يىل بولغان بۇ پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتنىڭ باش شىتابى ئامېرىكىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىنسانلار سىتاتېستىكىشۇناس، ياشانغانلار تىبابەت مۇتەخەسسىسى، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  «ياشانغانلار تىبابەت تەتقىقات تەشكىلاتى»، گەرچە ئىنسانلارنىڭ تىبابەت ئىلمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە بىر كىشىنىڭ كونكېرت يېشىنى ئۆلچەيدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوقلۇقىنى، ئۇلار پەقەت باشقا تەرەپلەردىن قول سېلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى، بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ نەچچە يىل ئاۋۋاللا دسوسانى زىيارەت قىلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە پۈتۈنلەي ئېنىقلىيالمىغانلىقىنى، شۇڭا رېكورتنى يېڭىلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر