باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

24-يانۋاردىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن لەنجۇغا قاتنايدىغان دىنامىكىلىق پويىزنى كۆپەيتىدۇ

2016.01.18 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال- لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىنD2708 -قېتىملىق يولۇچىلار پويىز قوزغىلىش ۋاقىت بۆلىكى 24-يانۋاردىن 7-فېۋرالغىچە، 12- فېۋرالدىن 15-ئاپرېلغىچە بولىدىكەن؛ لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال قاتنايدىغانD2701 -قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى قوزغىلدىغان ۋاقىت بۆلىكى 25-يانۋاردىن 8- فېۋرالغىچە، 13- فېۋرالدىن 16- ئاپرېلغىچە بولىدىكەن.

  D2708-قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن سائەت 10دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، شۇكۈنى سائەت 22دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجۇ غەربىي ۋوگزالغا يېتىپ بارىدۇ؛D2701 -قېتىملىق پويىز لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن سائەت 8دىن 12مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، شۇ كۈنى سائەت 19دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالغا يېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چاغاننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، چاغانلىق يۇقىرى پەللە توشۇش مەزگىلىدىكى پويىز بىلىتى ئاللىقاچان سېتىلىپ بولغان بۇلۇپ، ئەگەر تېخى بېلەت ئالالمىغان يولۇچىلار بېلەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولسا، 15-يانۋاردىن 29-فېۋرالغىچە شىنجاڭ تۆمۈر يول ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ھەر كۈنلۈك قالغان بېلەت ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر