- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭغا توقۇمىچىلىق جەھەتتە ياردەم بېرىشتە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
2016.01.18 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ جۇڭگو توقۇمىچىلىق سانائىتى بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە: شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، 300 نەپەر شىنجاڭ كىيىم – كېچەك كەسپىدىكى ئىختىساسلىقلار بېيجىڭ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە شەھەردىكى چوڭ تىپتىكى كىيىم - كېچەك پىششىقلاش كارخانىلىرىغا ئۆگىنىشكە باردى. بۇ كۇرسانتلار 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئارقا – ئارقىدىن ئۆگىنىشنى تاماملاپ، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ تەرەققىي قىلدۇ. 300 نەپەر كۇرسانت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 13 ئوبلاست( شەھەر ) ناھىيىەدىن كەلگەن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر % 70نى ئىگىلىگەن. نىڭبو ياگېر، بېيجىڭ ئەيمۇ قاتارلىق داڭلىق كىيىم - كېچەك كارخانىسى ئۇلارنى ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلغان، ئۆگىنىش مەزمۇنى، ئىلغار باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى، ھۈنەر−سەنئەت تەرتىپى، سۈپەت باشقۇرپ كونترول قىلىش، تەننەرخ ھېساباتى، بازار تىجارىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شې چىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز پىلان بويىچە كىيىم-كېچەك كەسپىدىكى 500 ئىختىساسلىقنى تەشكىللەپ جايلارغا ئۆگىنىش، تەربىيەلەشگە ئەۋەتىپ، ھەمدە كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ ، 10مىڭ دىن 20مىڭغىچە ئىشچىنى ھەر قايسى جايلاردىكى توقۇمىچىلىق كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2014 - يىلى قورغاس ناھىيەسىدە 30 نەپەر كۇرسانت خوڭدۇ، جېنۋىسى قاتارلىق ئالتە كارخانىغا بېرىپ 3 ئاي ئۆگەنگەن. نۆۋەتتە بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچىسى ئىگىلىك تىكلەشنى باشلاپ،يەرلىكتىكى 165كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر