باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، مۇتەخەسسىسلەر پىلانلىق تۇغۇتتىن مۇلازىمەتنى كۈچەيتىشكە يۈزلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.01.15 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتى يېقىندا ئۆتكۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى دەۋردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىسلاھاتى يۆنىلىشنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىن مۇلازىمەتنى كۈچەيتىشكە يۈزلىنىش كېرەك قىلىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك دەپ قارىدى.

  جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خۇبېي سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۈنيەن مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنىڭ تىپى ئۆزگىرىش كېرەك. ئالدى بىلەن ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نوپۇس ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشى بەرپا قىلىش؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا، ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، مېدىتسىنادا بىلەن پەرۋىش قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، ساغلام قېرىلىشىشى جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىپنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.«داۋالاش كەسپىدە، ئومۇميۈزلۈك داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئالدىنى ئېلىشنى سەل قارايدۇ. توي قىلمىغان كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىش، ياش ئۆسمۈرلەرگە قارىتا، چەتتە قالغانلار، ئاز ساندىكى ئالاھىدە ئېھتىياجى بار كىشىلەر توپىغا پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى يېتەرلىك ئەمەس». جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نوپۇس ۋە ئەمگەك - ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جېڭ جېنجېن ئوتتۇرىغا قويغان، يېڭى دەۋردىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىقتىدارى تۇغۇت يېشىدىكى ئەر – خوتۇنغا ياردەم قىلىپ سىياسەت دائىرىسىدە ئائىلە پىلانى بويىچە تۇغۇت ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ۋاقىت، مۇۋاپىق شارائىتتا ساغلام بىر بوۋاق تۇغۇش .

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ستاتىستىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ شىيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ «مۇلازىمەت» نى « باشقۇرۇش»نىڭ ئالدىغا قويۇش كېرەك. سىياسەت ئارقىلىق تەڭشەش، پىلانلىق تۇغۇت قوشۇنى كادىرلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، زور دەرىجىدە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر