باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ دۆلەت خەلقى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتمەكتە

2016.01.18 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سالىھ مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو رەھبىرىنىڭ بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى زىيارىتى يۇقىرى قاتلامدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ماكرولۇق لايىھە تۈزۈپ بېرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى بۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتى كۈچكە تولىدۇ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى بۇنىڭ بىلەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ قېتىمقى ئەھمىيىتى زور زىيارەتنى كۈتمەكتە. مىسىرنىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى، «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى فاۋۇز مۇنداق دېدى: مىسىرنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى كۈتمەكتە ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلماقتا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم زىيارىتىنىڭ مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىلگىرى ئۇزۇن يىل جۇڭگودا پارس تىلىدىن دەرس بەرگەن ئىرانلىق پىروفېسسور شاھىدبەخشەد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئەلى ئەكبەر خان مۇھەممەد مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتمەكتە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر