- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندونېزىيە: جاكارتادىكى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئىسلام دۆلىتى پىلانلىغان
2016.01.18 13:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندونېزىيە ساقچىلىرى 15-يانۋار جاكارتادىكى پارتلىتىش ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتتى. ساقچىلار ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پىلانلىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ھەمدە دېلو تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە جاكارتا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى رادىكال ئۇنسۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى زورايتتى. جاكارتا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باش تەپتىشى كارناۋىئان شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بەھرەم نەيىم ئىسىملىك ھىندونېزىيەلىك ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئۇنسۇرنى بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى پىلانلىغان. بۇ قوراللىق ئۇنسۇر تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئارقىلىق ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ۋەكىلى بولماقچى بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر