باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى» نېمە ئۈچۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ؟

2016.01.15 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «رەھبىرىي كادىرلار ئائىلە ئىستىلىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پاك-دىيانەتلىك بولۇپ ئائىلە باشقۇرۇشى كېرەك». ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 12-يانۋار مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى تىلغا ئالدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زور نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، قولغا چۈشكەن قىسمەن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىدە ئائىلە ئىستىلى توغرا بولماسلىقتەك مەسىلىلەر باركەن. مۇتەخەسسىسلەر، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ پارتىيە ئىستىلى ۋە سىياسىي ئىنتىزامنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور پونكىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2015-يىلى 13-فېۋرالدىن 31-دېكابىرغىچە مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 34 رەھبىرىي كادىرغا ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 21ىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشى تۇغقان، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا چېتىلىپ، ٪62 يەتكەن.

  دۆلەت مەمۇرىي ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ليۇ دۇڭچاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك دېلولىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلە ئىستىلى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، ئائىلە ئىستىلى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسى ۋە قىممەت يۆنىلىشىگە ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاخىرىدا پارتىيە ئىستىلى، سىياسىي ئىنتىزامغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر