باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېترو 2 - لىنىيە ۋە شەرقىي 2 – ئايلانما قۇرۇلىشىدا 2016 - يىلى ئىش باشلىنىدۇ

2016.01.15 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشچە، 2016 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتنىشى تۆت نۇقتىلىق قۇرۇۇلۇشىنىڭ « سىنىقىغا »دۇچ كېلىدۇ. قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلۈمىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن 2016 - يىللىق قاتناش « چوڭ سىنىقى»غا تاقابىل تۇرىدۇ.

  قاتناش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016 - يىلى پىلانلاپ يولغا قويۇلماقچى بولغان يول قۇرۇلۇشى مېترو 1 -نومۇرلۇق لىنىيە، 2 - نومۇرلۇق لىنىيە، شەرقىي 2 - ئايلانما ( يۇڭشۇن كوچىسى، مىڭخۇا كوچىسى، دوڭچۈەن يولىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىدە تولۇق يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىدۇ) ، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى غول يول ۋە ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ قاتناش ئەھۋالى ئۈچۈن يەنىلا ناھايىتى چوڭ « سىناق».

  قۇرۇلۇشنى مۇددەت ئىچىدە ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،بېيمىن يولى ئېغىزى، نەنمىن يولى ئېغىزىدا رېشاتكىنى كېڭىيتىدۇ، شىمالىي ئازادلىق يولىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرى قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قاتناشنى ئۈزۈپ قۇرۇلۇش قىلىشى مۈمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرۇلۇش قىلىش تۈپەيلىدىن دۆڭكۆۋرۈك يول ئېغىزىنىمۇ قۇرۇلۇش قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، 2018-يىلى 4-ئايغىچە ئىزچىل قورشاش مۇمكىن. يەنە شەرقىي2- ئايلانما يولى قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان يۇڭشۇن كوچىسى، مىڭخۇا كوچىسى، دوڭچۈەن يولىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىنى پۈتۈن يېپىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ. 2 -نومۇرلۇق لىنىيە داۋان يولى، بەخت يولى، خەلق يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، نەنچاڭ يولى قاتارلىق بېكەتنىڭ ئىش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، لىنىيەلەر ۋە ئەتراپتىكى قاتناشمۇ بىرقەدەر زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر