باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جوڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى تەكلىپى: ئاممىۋى قاتناش ICكارتىسىنى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم

2016.01.15 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جوڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى شىنجاڭ تىزرەك پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەمكارتا ئالاقە تورىغا قوشۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاممىۋى قاتناش ھەمكارتىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  دۆلىتىمىز 1999-يىلىدىن باشلاپلا پۈتۈن مەملىكەتلىك ئاممىۋى قاتناش ھەمكارتىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان بۇلۇپ، ئاممىۋى قاتناش ھەمكارتىسى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى بارلىق ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى، مەسىلەن، مىترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، كېچىك كېمىسى، ئاممىۋى ۋېلسىپىت ئىجارە ئېلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىدىكەن. قاتناش - ترانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ - ئوتتۇرا شەھەرلەردە دەسلەپكى قەدەمدە ئاممىۋى قاتناش ھەمكارتىسىنىڭ شەھەر، رايون ئاتلاپ، ھەرخىل قاتناش ۋاستىلىرىدە ئورتاق ئىشلىتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. 2020-يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە شەھەر، رايون ئاتلاپ ئىشلىتىلىدىغان ئاممىۋى قاتناش ھەمكارتىسىنىڭ ئۆز - ئارا ئالاقە باغلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تورلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە پەقەت قاراماي شەھىرى پۈتۈن مەملىكەتلىك ئاممىۋى قاتناش ھەمكارتا ئالاقە تورىغا قوشۇلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر