باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشىش يىللىق مىقدارى تۇنجى قېتىم 1 مىليوندىن ئاشتى

2016.01.15 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 14-يانۋار بېيجىڭدا ئېلىمىزنىڭ 2015-يىللىق كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشىش مىقدارىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى: ئېلىمىزنىڭ 2015-يىلى كەشپىيات پاتېنتىغا ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشىش مىقدارى داۋاملىق مۇقىم ئېشىشنى ساقلاپ، كەشپىيات پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشىش يىللىق مىقدارى تۇنجى قېتىم 1 مىليوندىن ئېشىپ، 1 مىليون 102 مىڭغا يەتكەن، 2014-يىلىدىكىدىن ٪18.7 ئاشقان، ئۇدا بەش يىل دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان.

  دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى بۇلتۇر 359 مىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ھوقۇق بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 263 مىڭى دۆلەت ئىچىدىكى كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشىپ، 2014-يىلدىكىدىن 100 مىڭى ئاشقان، ھەر ئون مىڭ كىشىنىڭ كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشىش مىقدارى 6.3كە يېتىپ، «12-بەش يىل» يىرىك پىلان تېزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر