باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە يىغىنى ئچىلدى

2016.01.15 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- يانۋار چۈشتىن كىيىن 2016-يىللىق شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئچىلدى، يىغىندا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى، ئۆزگەرتىش لاھىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەقىقىي تۈردە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇس قىلىندى.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئالىي مائارىپ باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ ئۇچۇر باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپ تورى ئۇچۇر مەركىزى مەسئۇللىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پىلانى، مەۋھۇملاشتۇرۇش بىلەن بۇلۇت ھېسابلىغۇچ، تور بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرلەشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، « 12 - بەش يىللىق پىلان » يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇشى بىلەن بىرلىشىش يادرولۇق ئىدىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش ۋە مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، رايون بويىچە ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ مۇدىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى. تۈرلۈك خىزمەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بىراق خىراجەت، تېخنىكا قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تورنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى تار، تەقسىملەش ئۈسكۈنىسى جىددىي يېڭىلىنىشقا ئېھتىياجلىق بولۇش، مائارىپ بايلىقىنى تەدبىقلاش سەۋىيىسى يۇقىرى بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا.

  بۇنىڭغا قارىتا، يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: 2017-يىلىنىڭ بېشىغا بارغاندا جۇڭگو مائارىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھىسابلاش تورى ئۈرۈمچى رايونلۇق تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ، % 95ئالىي مەكتەپلەردە سىمسىز مەكتەپ ئىچى تورى قۇرۇش، بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى تاماملاپ، باشقۇرۇش ۋە يۈرگۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل دەرس ۋە كەسىپلەرنىڭ رەقەملەشكەن ئۆزگەرتىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، رەقەملەشكەن پەن تەتقىقات ئىجادىيەت سۇپىسى قۇرۇپ، رايون، پەندىن ھالقىغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئىلغار بولغان جۇڭگو مائارىپ ۋە پەن - تەتقىقات ھىسابلاش تورى شىنجاڭ تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش؛ 13 - بەش يىللىق مەزگىلىدە ئالىي مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتىشنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر