- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېلىتىش باھاسى 0.12يۈەن چۈشىدۇ
2016.01.15 14:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 14-يانۋار يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. 2016-يىل 14-يانۋار سائەت 00:00دىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.12يۈەن چۈشۈپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ھەر لىتىر بېنزىننىڭ باھاسى 5.30يۈەن بولىدىكەن.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 13-يانۋاردىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن 14-يانۋار سائەت 00:00دىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ھەر توننىسى ئايرىم ھالدا 140يۈەن ۋە 135چۈشىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.10يۈەن ۋە 0.11يۈەن چۈشىدىكەن.
ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى نومۇرلۇق تەييار ماي باھاسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن. 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.42يۈەندىن 5.30يۈەنگە چۈشىدىكەن؛ 97-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.86يۈەندىن 5.74يۈەنگە چۈشىدىكەن؛ 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتلىش باھاسى ئەسلىدىكى 4.98يۈەندىن 4.86يۈەنگە چۈشىدىكەن؛ (20-)-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.46يۈەندىن 5.34يۈەنگە چۈشىدىكەن؛(35-)-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.54يۈەندىن 5.41يۈەنگە چۈشىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر