باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئىسلاھات كومىتېتى مەملىكەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى مېخانىزىمىغا قارىتا تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى بېكىتتى

2016.01.15 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 13-يانۋار مۇنداق دېدى: مەملىكەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى مېخانىزىمىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش تۆۋەن چېكىنى بېكىتىشكە قارىتا ماي باھاسىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش خەتەر تەييارلىق فوندى ئورنىتىلىدۇ. خەلقئارا بازاردا ماي باھاسىنىڭ ھەر بىر تۇڭى 40 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولغاندا، بېنزىن ۋە دېزىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسى تۆۋەنلىتىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېنزىن ۋە دېزىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسى بىلەن ئەڭ تۆۋەن باھانى تۇتاشتۇرۇشنى تۆۋەنلىتىش جاكارلاندى. بۇ قېتىمقى بېنزىن، دېزىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنىڭ ھەر توننىسى ئايرىم ئايرىم 140 يۈەن ۋە 135 يۈەنگ بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 90 -نومىرلىق ماي بىلەن 0 -نومىرلىق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى ئايرىم ئايرىم 0.1 يۇەن ۋە 0.11 يۈەن چۈشتى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسى مېخانىزىمىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش تۆۋەن چېكىنى بېكىتىش- خەلقئارا بازاردا ماي باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ياكى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بولۇپ كېتىشىنىڭ مەملىكەت ئىچى بازىرىغا بولغان ئەكس تەسىرىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى بۇ قېتىمقى تەييار ماي باھاسى مېخانىزىمىنىڭ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، باھانى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر