باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «يېمەكلىك دورا شىكايىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى

2016.01.15 13:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېمەكلىك-دورا شىكايىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن «يېمەكلىك دورا شىكايىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى يېمەكلىك-دورا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ چارە 2016-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. چارىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېمەكلىك دورا شىكايىتى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىشلەپ چىقارغۇچى، تىجارەتچى قاتارلىق ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىش، يېمەك تىجارىتى قاتارلىق ھالقىلاردىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى شۇنداقلا دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى، گىرىم-بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىش، ياساش، سېتىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئىنكاس قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. يېمەكلىك-دورا شىكايىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇشتا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، جەمئىيەت تەڭ تىزگىنلەش پىرىنسىپىغا بوي سۇنۇلىدۇ. چارىدە ھەقىقىي ئىسمى بىلەن پاش قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىسمى، كىملىكى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرى بىلەن پاش قىلىشنى خالىمىغانلار ۋە ياكى ئاشكارا پاش قىلىشنى خالىمىغانلارغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر