باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىيەنجىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر ھاۋا لىنىيىسىنى ئاچماقچى

2016.01.15 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىيەنجىن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 18- يانۋار ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر رايون ئىچى ئايلانما ھاۋا لىنىيىسىنى ئاچىدىغان بۇلۇپ، ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر ئۈچ جاي ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. كورلا، قەشقەر ئىككى جايغا قاتنايدىغان يولۇچىلار بېرىپ كىلىشتە پەقەت 90مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن.

  يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-كورلا-قەشقەر ھاۋا لىنىيىسىدە 104كىشىلىك ئادەتتىكى بۆلۈم ئورۇنلاشتۇرۇلغان E190تىپلىق ئايروپىلان ئۇچىدىغان بۇلۇپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدىكەن. بېرىشتا GS7491 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11دىن 45ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، 12 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يىتىپ بارىدىكەن، چۈشتىن كىيىن 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ ، چۈشتىن كىيىن سائەت 3تە قەشقەرگە يىتىپ بارىدىكەن. قايتىشتا GS7492 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودورومىدىن يولغا چىقىپ، چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تىن 10مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يىتىپ بارىدىكەن، چۈشتىن كىيىن سائەت 6دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، كەچ سائەت 7دە ئۈرۈمچىگە يىتىپ بارىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر