- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ جاكارتادىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 7كىشى قازا قىلىپ 17كىشى يارىلاندى، دېدى
2016.01.15 12:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ 14-يانۋار، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جاكارتا شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 7كىشىنىڭ قازا قىلىپ، 17كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
جاكارتا ساقچى تەرەپ باياناتچىسى، ئىككى نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۆلۈۋېلىش خارەكتېرىدىكى پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى قوزغاتقاندىن كېيىن ئۆلدى، قالغان ئۈچ ھۇجۇم قىلغۇچىنى ساقچى تەرەپ ئېتىۋەتتى، قازا قىلغان ئىككى پۇقرا ئىچىدىكى بىرى غەرپ دۆلەتلىرى پۇقراسى، يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلدى، دېدى.
باياناتچى يەنە، نۆۋەتتە بارلىق ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ياكى قولغا ئېلىندى، ۋەزىيەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، دېدى. بىراق ئۇ قولغا ئېلىنغان ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى كونكېرت تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر