باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

2016.01.15 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى جۇخەي شەھىرىدە خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ۋاڭ چېن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە بۇ يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۇقتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قارىتا مۇنداق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەتنى قانۇن ئارقىلىق يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، زېھنى قۇۋۋىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم فاڭجېنىنى توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە نېگىزلىك قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك، دۆلەتلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ئۆتكەن يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى شۇنداقلا مەركەزنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، شياڭگاڭ ئاۋمېننىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر