باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئېچىلغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىغا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 1513 ھەر خىل بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بەردى، 953 ئادەم قازا قىلدى

2016.01.15 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نويابر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى. يىغىندا 2015-يىلىدىكى خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، 2016 - يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئامانلىق ساقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەتتىكى ھادىسنى ئازايتىپ، چوڭ ھادىسنى كونترول قىلىپ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىم ياخشىلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  2015-يىلى، شىنجاڭ بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىملىقنى ساقلاپ، « ئۈچتە داۋاملىق تۆۋەنلەش» نى ئىشقا ئاشۇردى: بىرىنچىسى، ھادىسە ئومۇمىي مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ھادىسە ۋە قازا قىلغانلار سانى بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا%5.08 ۋە %7.69 چۈشتى، ۋەقەدە قازا قىلغانلار سانى ئۇدا ئون يىل تۆۋەنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىككىنچىسى، بىرقەدەر زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، قازا قىلغانلار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 تۆۋەنلىدى؛ ئۈچۈنچىسى تۆت تۈرلۈك نىسپىي كۆرسەتكۈچى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ھەر بىر تىرليون يۈەن GDP يارىتىشتىكى قازا قىلغانلار نىسبىتى زاۋۇت ، كان، سودا قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغىللىنىدىغانلارنىڭ ھادىسىدە قازا قىلىش نىسبىتى، يول قاتنىشىدا ھەر 10 مىڭ ئاپتوموبىل ئۆتكەندىكى قازا قىلىش نىسبىتى، كۆمۈر كاندا ھەر 1 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۆلۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %16.09، %260.4، %3.76 ۋە %68.84 چۈشتى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر