باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلدى

2016.01.14 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇش چارىسى» يولغا قويۇلدى.بۇ چارە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى ئۆلكە ئاتلاپ رايونىمىزدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەقسىز ئوقۇپ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش باشقۇرۇشىدىمۇ مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىدۇ.

  «باشقۇرۇش چارىسى»دە جەمئىي 10 نىزام ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئاساسلىقى ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەرتىپىنى بېجىرىش تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەقسىز ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېلىشىمگە خىلاپ قىلغان پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئالاقىدار تارماقلار يەنە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، ھەقسىز مائارىپ خىراجىتى ۋە خىلاپلىق ھەققىنى تۆلەتسە بولىدۇ، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتكە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە كادىرلار ئارخىپىگە كىرگۈزۈلىدۇ.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر