باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇلتۇر ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 48 كادىر تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىندى نازىر دەرىجىلىك 6 كادىر مەنسىپىدىن قالدۇرۇلدى

2016.01.14 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نىشان ئىبراھىمنىڭ 13 -يانۋار ئاشكارىلىشىچە، 2015 – يىل، شىنجاڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا چېقىلىش قاتارلىق دېلولاردىن 806 پارچىنى ۋە چېتىشلىق 945 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ناھىيە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر 48 گە يەتكەن، نازىر دەرىجىلىك ئەمەلداردىن ئالتىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

  نىشان ئىبراھىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئاساسىي قاتلام ئۇل ساھەلەردە يۈز بېرىدىغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ، بۇلتۇر نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ، داۋالىنىش، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق جەھەتلەردە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان چىرىكلىشىش دېلولىرىدىن 637 پارچە ۋە چېتىشلىق 728 ئادەمنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.بۇ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي دېلو سانىنىڭ % 79 ۋە % 77نى ئىگىلىگەن. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىغان تەپتىش خادىملىرىنى (19 ئادەم )تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت كىشىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈلگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر