باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران تۇتۇپ تۇرغان ئامېرىكىنىڭ ئون ئەسكىرىنى قويۇپ بەردى

2016.01.14 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسىمى شۇ كۈنى بۇندىن ئىلگىرى ئىران تۇتۇپ تۇرغان ئامېرىكىنىڭ 10 ئەسكىرىنى قويۇپ بەرگەن ، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەسكەرلىرى ئولتۇرغان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كېمىسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: تۇتۇپ تۇرۇلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇنداق خاتالىقنى قايتىدىن ئۆتكۈزمەيدىغانلىق توغرىسىدا ۋەدە بەرگەندىن كىيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىران تۇتۇپ تۇرغان ئامېرىكىنىڭ 10 ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى ھەمدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىراندىن ئايرىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئون ئەسكىرى يارىلانمىدى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر