باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئۇيغۇر،خەنزۇ قېرىنداشلار بىرلىكتە سۇدىن ئادەم قۇتقۇزدى

2016.01.14 16:11   مەنبە: خەلق تورى

ئۇيغۇر،خەنزۇ قېرىنداشلار بىرلىكتە سۇدىن ئادەم قۇتقۇزدى

  مەمەتئىمىن ئابدۇراھمان (ئوڭدىن بىرىنچىسى)، ئەلى سالامەت (سولدىن بىرىنچىسى)، ئالىم ھاجى (سولدىن ئىككىنچىسى) ۋە شيې شيۇجۈن بىرلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى. (12-يانۋار تارتىلغان سۆرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 9-كۈنى كېچە سائەت بىر ئەتراپىدا، خۇنەن چېنجوۋ شەھىرىدىكى بىر قىز ھېسسىيات مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالىدا بېيخۇ باغچىسى كۆلىگە سەكرىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ھەمراھى «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىدى، يېقىن ئەتراپتىكى قاۋاقخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئامانلىق ساقلىغۇچى شيې شيۇجۈن ئاۋازنى ئاڭلاپ يېتىپ كېلىپ، كۆلگە سەكرىگەچ قىزنى تارتىپ چىقماقچى بولدى. بىراق ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز كۆل ئوتتۇرىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتى. سۇ ئۈزۈشنى ئانچە ئۇقمايدىغان شيې شيۇجۈن ئامالسىز ئارقىغا قايتتى. بۇ ۋاقىتتا يېقىن ئەتراپتىكى چېنجوۋ ئابلاجان كاۋاپ شىركىتىنىڭ كاۋاپ يايمىسىدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر خىزمەتچى يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندى. مەمەتئىمىن ئابدۇراخمان سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز تەرەپكە قاراپ ئۈزدى، ئەلى سالامەت بىلەن ئالىم ھاجى قىرغاقتا قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشتى. كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىز قۇتقۇزۇپ چىقىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالاندى. تۆت نەپەر ئۇيغۇر، خەنزۇ قېرىنداش بىرلىكتە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قىزنى قۇتقۇزىۋالغانلىق ئىش ئىزلىرى شۇ جايدا كەڭ تارقالدى، ئىشتىن كېيىن ئۆلۈۋالماقچى بولغان قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىزىل بايراق تەقدىم قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى، ئابلاجان كاۋاپ شىركىتىمۇ ئۇچ نەپەر خىزمەتچىسىنى تەقدىرلەپ مۇكاپاتلىدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟
      ·دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا ساختىلىق قىلغانلارنىڭ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چەكلىنى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدە تۈرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىل سىزىقى بېكىتتى