باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى يۇەنچاۋ: ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2016.01.15 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۇەنچاۋ 13- يانۋار، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 11- نۆۋەتلىك 4- قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر يۈرۈش مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنى «13- بەش يىللىق نىشان»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلدى.

  لى يۇەنچاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش لازىم. سىياسىۋىيلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى نىشان، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يۆلىنىش قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە خىزمەت ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرى بولۇپمۇ رەھبەرلىك ئورگىنىدىكى كادىرلارنىڭ ئاياللار ئاممىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە باغلاش تۈزۈمى تۇرغۇزۇپ، «توردىكى ئاياللار بىرلەشمىسى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاياللار خىزمىتىگە بولغان ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر