باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2016.02.05 16:04   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدىن ئابدۇمىجىت ئابدۇللا خەۋىرى) 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلار كومىتېتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش - تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلىشنى پىلانلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى كۆرگەزمىخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى» مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئېچىلدى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلار كومىتېتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش - تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شياۋدوڭ، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر گۇڭ ياۋچياڭ، مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ شىڭكۇي، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خوڭبو، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىشنى پىلانلاشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما لەن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو مىللەتلەر كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ گۇيبياۋ رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلار كومىتېتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش - تەتقىق قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شياۋدوڭ، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ شىڭكۇي تەبرىك سۆزى قىلدى . بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە خەنزۇچە، خوتەن ساكچە، قەدىمكى ئۇيغۇرچە، چاغاتاي ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، مانجۇچە، يىزۇچە، دۇڭباچە، دەيزۇچە، شۇيزۇچە، جۇاڭزۇچە قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىقتىكى 200دىن ئارتۇق قەدىمكى ئەسەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىقى دۆلەت دەرىجىلىك بىباھا تەۋەررۈك قوليازمىلاردۇر.

  كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن دەنجۇ ئاڭبىن، لى شياۋدوڭ، گۇڭ ياۋچياڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار بىرلىكتە كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ كۆرگەزمە 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئېچىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى