باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ چاغان ھارپىسىدا دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.02.05 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋالدى ھەم جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىنىي زاتلار ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئاممىنىڭ چاغىنىنى قۇتلۇقلىدى. يۈ جېڭشېڭ ھەر قايسى دىنىي تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دىنىي خىزمەتنىڭ ئەھۋالى، دىنلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماقتا. بۇلتۇر بىر يىلدا، ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار ئۆز قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دىنىي زاتلار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جامائەتچىل خەيرى-ساخاۋەتنى قانات يايدۇرۇش، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل-13-بەش يىللىق پىلان باشلىنىدىغان يىل، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، دىنىي ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تېرىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي زاتلار پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئومۇملۇققا ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىش جەھەتلەردە تېخىمۇ زور ئويناپ، 13-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى دىنىي تەشكىلاتلار دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك ھەم ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى؛ دىنىي قائىدە، دىنىي ئەقىدىلەرنى شەرھلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىننى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىدىيە، نەزەرىيە ئاساسى سېلىشى؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتچان ئىختىساسلىقلارنى پىلانلىق يېتىشتۈرۈشى؛ ئوقۇتۇش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى تېرىشىپ كۈچەيتىپ، ناتوغرا ئىستىللارنى ئاڭلىق توسۇشى لازىم. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دىنىي خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ دىنىي خىزمەت تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ساھەنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھۆرمەتلەپ ۋە قوغداپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان شارائىتنى تېرىشىپ يارىتىپ بېرىشى كېرەك، چاغان كېلەي دەپ قالدى، چاغان مەزگىلىدە، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئاممىنىڭ خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر