باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى فوند تەسىس قىلىپ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا ياردەم بەردى

2016.02.06 11:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شىنجاڭ شەرق ئاكسىيەسى، خەيتۇڭ ئاكسىيەسى، گوتەي جۈنئەن ئاكسىيەسى، غەربى جەنۇب ئاكسىيەسى بىلەن توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپى فوندى تەسىس قىلدى،بۇلار پاي ھوقۇقى ئۇسۇلى بىلەن شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك كەسپى ۋە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلىرىگە نۇقتىلىق مەبلەغ سالىدۇ.

  ئىككىنچى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك كەسپىنى بىر ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر سۈپىتىدە تۇتۇپ، شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك، شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ 20 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك كەسپى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلدى، شۇنداقلا باج كىرىمى، تولۇقلىما، تۆۋەن باھالىق توك قاتارلىق ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى توقۇمىچىلىق كەسپى ئىشخانىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپىدە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش فوندى تەسىس قىلىش، پۇل مۇئامىلىدە شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كەسپى تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنى ياخشىلىشى، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردىمى بولىدىكەن.

  مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توقۇمىچىلىق ئومۇمىي كۆلىمى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 10مىليون ئۇرچۇقتىن ئېشىپ، ئۈرۈمچى ـ سانجى، شىخەنزە ـ كۇيتۇن، كورلاـ لوپنۇر، ئاقسۇـ ئارال شۇنداقلا قەشقەردىن ئىبارەت بەش چوڭ توقۇمىچىلىق كەسپى توپلاشقان رايون شەكىللىنىپ، ئۈچ شەھەر 7 تەرەققىيات باغچىسى، بىر مەركەزدىن ئىبارەت كەسىپلەر توپى تەرەققىيات قېلىپى مەيدانغا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر