خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن مەڭلىك ئىمىن، پولات نىياز) باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، چەرچەن ناھىيەسىدىكى گۈل بازارلىرى باشقىچىلا ئاۋاتلىشىپ، گۈل سېتىۋالىدىغان ھەر مىللەت ئامما بارغانسېرى كۆپەيدى. 31-يانۋار، مۇخبىرنىڭ «دىۋاڭ» گۈل ئۈستۈرۈش مەركىزىنىڭ غوجايىنى لى شىياۋلې دىن ئىگىلىشىچە، ئۇنىڭ 3مو كۆلەمدىكى گۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۆستۈرۈلگەن گۈللەرنىڭ تۈرى 65خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، باھار بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ گۈل سودىسى 35مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ئۆتكەن يىلى باھار بايرىمىدا 25مىڭ يۈەن سودا قىلغان بولۇپ ئوخشاش ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا 10مىڭ يۈەن ئاشقان .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى