باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر تۇرپاندا قىيىنچىلىقى بار كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ھال سورىدى

2016.02.09 12:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۆھرەت زاكىر تۇرپاندا قىيىنچىلىقى بار كارخانىلاردىكى ئىشچى– خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ئاممىنى تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىپ، ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى چاغان كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر6 – فېۋرال تۇرپان شەھىرىگە كېلىپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۈپ ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن ھال سورىدى، ئۇلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، شۇنداقلا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر تۇرپان شەھىرىگە كېلىپلا، ئاپتوموبىل بىلەن ئىدىقۇت رايونىدىكى مۇھىم سانائەت بازىرى چىچان بازىرىغا بېرىپ، شىنجاڭ ‹‹شېنخۇڭ›› گۇرۇھىنىڭ قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچىلىرىدىن جېڭ شۇلەن، سۈن سۇخۇا ۋە كېرەمجان ھەبىبۇلنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

  شۆھرەت زاكىر جېڭ شۇلەن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. جېڭ شۇلەن مۇنداق دېدى: ‹‹شېنخۇڭ›› گۇرۇھىنى قايتا تەشكىللەش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىشەنچكە تولدى، ئەمدى كارخانىمىز جانلىنىدىغان بولدى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، تۇرمۇشىمىزدا چوقۇم زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۆھرەت زاكىر جېڭ شۇلەننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: سىز ئىلگىرى كارخانا ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، كارخانا ۋاقتىنچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك كەلگۈسىدىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا،كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى چوقۇم يېڭىپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

  شۆھرەت زاكىر كېرەمجان ھەبىبۇلنىڭ ئۆيىدە كۆپچىلىك بىلەن باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، كەڭ – كۇشادە پاراڭلاشتى. كېرەمجان ھەبىبۇل مۇنداق دېدى: كارخانا تۇرمۇشىمىزنىڭ كاپالىتى، ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، ئىش قىلىشتىن قورقمايمىز، لېكىن قىلىدىغان ئىش بولماسلىقىدىن قورقىمىز. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: كارخانا ۋاقتىنچە زىيان تارتقان بولسىمۇ، تۇرپان شەھىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىنى قايتا تەشكىللىمەكچى، ئۇ چاغدا كارخانىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولۇپ، كىرىممۇ مۇقىم ئاشىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەھۋال ئىگىلەپ، ھال سوراش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ ئامانلىقىنى، ھال – ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چاغاننى خۇشال – خۇرام ، خەيرلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە يەنە تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا كېلىپ، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكتىن چاغانلىق ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ۋەزىپىلىرى ناھايىتى مۈشكۈل، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر. تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيىسى بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. تۇرپان شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغان تۇنجى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىر سەپتە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىشىدا، خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ھال سوراشتا بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر