باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى مۇۋاپىق سېتىۋېلىش كېرەك

2016.02.09 12:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان مەزگىلىدە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىگە سوغا تەقدىم قىلىشتىكى ئالدىن تاللىشى بولىدۇ، دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئىلمىي مۇۋاپىق سېتىۋېلىڭلار، مۇبالىغە تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ، قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، بىخەتەر ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىڭلار.

  يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى مۇنتىزىم توغرا يول بىلەن سېتىۋېلىش، مۇنتىزىم تالون ئېلىش، قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىش ۋە يىغىندا سېتىش قاتارلىق يوللار بىلەن كەلگەن ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا مەھسۇلات ئورالمىسى ئۈستىدىكى ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى بەلگىسىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى تەستىق نومۇرىنى توغرا تونۇش، ئىقتىدارىغا ئاساسەن قاراتمىلىق تاللاش شۇنداقلا ماركا چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپ بويىچە ئىستېمال قىلىش كېرەك، يەنە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرى ئورالمىسى ئۈستىدە ئىشلەپچىقارغان كارخانىنىڭ ئىسمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرىنىڭ بار يوقلىغىنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرىنى كارخانىلار تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تور بېكىتىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە مۇنۇلارنى سالدى: ئەگەر قانداقتۇ كېسەللەرنى داۋالايدىغانلىقى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ساختا تەشۋىقات قىلىنغان يېمەكلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكلىرىنى ئۇچراتسىڭىز 12331 غا تېلېفون قىلىپ، شىكايەت قىلسىڭىز بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر