باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ، شىنجاڭ سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياردەم بەرگەن كىشىلەر بىلەن شاڭخەيدە چاغان ئۆتكۈزدى

2016.02.09 12:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل چاغاندا، گوڭكاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىزاڭ سىنىپلىرىدىكى 600 ساۋاقداشنىڭ شاڭخەيدە ياردەم بەرگەن كىشىلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلار شاڭخەيدە ئالاھىدە چاغان ئۆتكۈزدى. بۇندىن باشقا، چىباۋ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپلىرىدىكى 300 ئوقۇغۇچىمۇ شاڭخەيدە چاغان ئۆتكۈزدى.

  يۇرتلىرىدىن يىراق بولغاچقا، قىشلىق تەتىلدە شىزاڭ سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يۇرتلىرىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزەلمىدى. جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتلىك ئەربابلار ئىختىيارىي ياردەم بەرگەندىن سىرت، گوڭكاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى پېڭپۇ كوچىسىدىكى بارلىق ئاھالە كومىتېتلىرى، ئەتراپتىكى قېرىنداش مەكتەپلەر ئۇزۇن مۇددەت ياردەم بەردى، ئوتتۇرىچە ھەر ئىككى ئاھالە كومىتېتى بىردىن شىزاڭ سىنىپىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ سىرتلارغا ساياھەتكە چىقتى، ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ چاغان ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  گوڭكاڭ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى چېن شاۋپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل زاڭزۇ كالېندارىدىكى چاغاننىڭ 1-كۈنى دەل ئېلىمىز دېھقانلار كالېندارىدىكى چاغاننىڭ 2-كۈنىگە توغرا كەلدى، مەكتىپىمىز يېڭى يىللىق كونسېرتنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇردى. مەكتەپتە قالغان شىزاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق بولدى. مەكتەپتە قالغان ئوقۇغۇچىلارغا چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەكتەپتىكى 70 كە يېقىن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى نورمال ئىشلىدى.

  چىباۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا 300 ئوقۇغۇچى بار ئىدى، بۇ يىل چاغاندا، 20 نەچچە ئوقۇتقۇچى دەم ئالمىدى. چاغان ھارپىسىدا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى، چاغاننىڭ 1-كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى، مەكتەپ يەنە چاغانلىق سوۋغات تارقاتتى.

  شاڭخەي 1985-يىلىدىن تارتىپلا ئىچكى جايلار مىللىي سىنىپلىرىنى ئېچىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر سىنىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن ئىدى. نۆۋەتتە شاڭخەيدىكى 28 مەكتەپ شىزاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، شىزاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، شىزاڭ ئوتتۇرا كەسپىي سىنىپى، شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپىي سىنىپى، چىڭخەي گولو ئوتتۇرا كەسپىي سىنىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تۈردىكى مىللىي سىنىپنىڭ ئوقۇتۇشىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 160 سىنىپنىڭ دەرسىنى ئۆتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى يەتتە مىڭدىن ئاشتى. بۇندىن باشقا يەنە شەھەرگە قاراشلىق 19 ئالىي مەكتەپ مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ئۈستىگە ئېلىپ، قوبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى يىلمۇ-يىل كۆپەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر