باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بارلىق تور ئەھلى توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلار ھەققىدە شىكايەت قىلسا بولىدۇ

2016.02.09 12:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىنتېرنېتتىكى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى شىكايەت قىلىش مەركىزى يېقىندا مۇراجىئەت چىقىرىپ، بارلىق تور ئەھلىنىڭ توردىكى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان زىيانلىق ئۇچۇرلارنى پائال شىكايەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، شىكايەت مەركىزى زور يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، زوراۋانلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان شىكايەت قىلغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ.

  شىكايەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىنتېرنېت زوراۋان تېررورچى كۈچلەر دىنى ئەسەبىي ئىدىيە تارقىتىدىغان، مىللىي زىددىيەت قوزغايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىدىغان مۇھىم يول بولۇپ قالدى،ئۇلار ھەتتا ئاياللار، بالىلارنىڭ تېررورلۇق مەشىقى قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ۋىدېئونى تارقىتىش ئارقىلىق باشقىلارنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان زېيىنى ئىنتايىن چوڭ، جۇڭگو ئىنتېرنېتتىكى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى شىكايەت قىلىش مەركىزى بارلىق تور ئەھلىنى توردىكى زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان زىيانلىق ئۇچۇرلارنى پائال شىكايەت قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى، شىكايەت مەركىزى شىكايەتنى دەل ۋاقتىدا قانۇن ئىجرا تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

  شىكايەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىكايەت مەركىزى بارلىق تور ئەھلىنىڭ توردىكى زوراۋان، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى پائال شىكايەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شىكايەتتە خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى داۋاملىق مۇكاپاتلايدۇ، زور يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، زوراۋانلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان شىكايەت قىلغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدۇ، شىكايەت تېلېفونى:12377، شىكايەت تور ئادرېسى: www.12377.cn ; شىكايەت ئىلخەت ساندۇقى:jubao@12377.cn ؛ شىكايەت تېرمىنالى: شىكايەت مەركىزى ھۆكۈمەت تورى، ھەرقايسى چوڭ قوللىنىشچان تور دۇكانلىرى ئارقىلىق توردا شىكايەت قىلىش دېگەن تېرمىنالنى چۈشۈرسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر