باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ كۇرد ئاپتونوم رايونىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ 17 كىشى قازا قىلدى

2016.02.06 12:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق ئەربىل ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى نەۋزاد ھادى مەۋلۇد 5-فېۋرال، ئىراقنىڭ كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئەربىل شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىغا شۇ كۈنى كەچتە ئوت كېتىپ، 17 كىشى قازا قىلغان، 10 كىشى يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

  ھادى شۇ كۈنى ئەربىل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىراق بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللىكلەر ئىكەن. ئىراق كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت بايلىقى مول، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى باشقا رايونلارغا قارىتا نىسبەتەن مۇقىم ئىكەن، شۇڭا نۇرغۇن چەتئەل پۇقرالىرى بۇ رايوندا خىزمەت قىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر