باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا چاغان زامانىغا كىردى، جۇڭگونىڭ چاغان كەيپىياتى دۇنيانى ئىللىتتى

2016.02.09 12:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇق شاد-خۇراملىق بىلەن چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان، كوچىمۇ-كوچا، ئۆيمۇ-ئۆي پەتىلەپ چاغاننى قۇتلۇقلاۋاتقان پەيتتە، مايمۇن يىلىدىكى چاغاننىڭ سالىيوتلىرى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ چاقناپ كەتتى، جۇڭگو چاغىنىنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىندۇرمىسى-دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى دەۋر مەيدانىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا كۆرسىتىلگەن مايمۇن يىلىدىكى چاغانلىق ۋىدىيو ھەر قايسى دۆلەت ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلدى؛ ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ۋېستېرفىلىد مال سېتىۋېلىش مەركىزى ئەجدىھا، شىر ئۇسسۇلى، خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى قاتارلىق چاغاننى تەبرىكلەيدىغان بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى؛ كانادا، فىرانسىيە، ئامېرىكا، سىنگاپوردىكى پوچتا ئىدارىلىرى مايمۇن يىلىدىكى مۈچەل پوچتا ماركىلىرىنى تارقاتتى.

  يەر شارى مىقياسىدا جۇڭگونىڭ چاغىنىنى تەبرىكلەشنىڭ بارغانسېرى مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، «چاغان زامانى» تەدرىجىي «دۇنيا زامانى»غا ئايلانماقتا، جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغان ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىۋى ئادىتىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى زورايماقتا.ئابدۇللا موللا «ھەر قانداق ۋاقىت، قەرەلى يوق، يىراق كەلگۈسىدىكى ئىش» دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر