باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي بىلەن تېلېفونلاشتى

2016.02.06 12:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-فېۋرال كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىر-بىرىگە چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە تىلەك تىلىدى، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ماقۇللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق بىلەن، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈنسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە نۇرغۇن ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ ماسلاشتى. زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاي خانىم بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر