باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىرانغا مەبلەغ سېلىپ ئىران بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىراندا زىيارەتتە بولۇشقا باشلىدى

2016.02.09 12:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىرانغا مەبلەغ سېلىپ ئىران بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىراندا زىيارەتتە بولۇشقا باشلىدى، ئىران رەھبەرلىرىمۇ غەرب ئەللىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىراننىڭ مەبلەغكە بولغان كۈچلۈك ئارزۇسىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيەسى جانلىنىپ خەلقئارادىكى رولى كۈچىيىپ، ئىراننىڭ خەلقئارادىكى يېڭى رولىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىتەيىنمىل 3- فېۋرال ئىرانغا قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ئۇچ ئاي ئىچىدە ئىراندا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. بۇندىن ئىلگىرى، ئىران زۇڭتۇڭى روخانى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيەدە غەرب ئەللىرى ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادى جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كىيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولدى.

  ئىراننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە جانلانغان دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ھەمدە رايون ۋەزىيىتىگە كۆپلىگەن تەسىرى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ ئويناۋاتقان يېڭى رولى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى قوزغىدى.

  ئىران بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلانغانلىقى ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر بىرگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. سىتەيىنمىل 3- فېۋرال روخانى بىلەن كۆرۈشكەندە، گېرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق قاتلاملاردىكى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئىران بىلەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ پەسەيگەنلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى يەنىلا قاتمال بولماقتا. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارىلىقى يىراقلاشتى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 16- يانۋار مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئالاقىدار جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى، بىراق ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2- فېۋرال ئوبامانىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يەنىلا ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى قوللاۋاتقان 11 كارخانا ۋە ئىران پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە كىشىنى جازالاش قارا ئىسىملىكىگە كىرگۈزدى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇڭ فىيتىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىرانغا قارىتىلغان جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ياۋروپا غەلىبە قىلغۇچىغا ئايلاندى. ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش سۈرئىتى جەھەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ياۋروپانىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇندىن باشقا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇيغۇسى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشگە پايدىلىق.

  جۇڭگو يەر شارىلاشتۇرۇش ئاقىللار ئىسكىلاتى تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ دۇەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىرانغا بولغان پوزىتسىيەسىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ قەدىمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ بىر بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيادىكى زومىگەر بولغان ئامېرىكا يەنىلا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كۈچ بولغان ئىرانغا گۇماندا بولماقتا، بۇ ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپانىڭ ئىران بىلەن تېخىمۇ سەمىمىي، ئادىل پوزىتسىيەدە ئالاقىلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى تورىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىراننىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 80 مىليون بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى406 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ، بۇ ئىراننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان خەلقئارا بازارغا قايتىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندى.

  ئىقتىسادى گەۋدە مىقدارى ئىراننىڭ سىرت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشىدىكى كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندى، شۇنداقلا چەتئەللەرنىڭ ئىرانغا قېزىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولدى.

  روخانى سىتەيىنمىل بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئىران كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىران بىلەن گېرمانىيەمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادى ھەمكارلىق پىلانىنى توزۇپ ، سانائەت، كانچىلىك، ئېنېرگىيە ، تومۇر يول ۋە ساياھەت كەسپىنى ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ھەمكارلىشىش ساھەسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك .

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم 1-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئىجرا قىلىندى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئارقىدىن ئىرانغا قارىتىلغان ئالاقىدار جازانى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، ئىراننىڭ يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغىنىڭ توڭلىتىشىدىن قۇتۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. كۆپ يىل يېتىم ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىران ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جازانىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئىران ھەر يىلى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئىراننىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىدىن نەپكە ئېرىشكەن دۆلەتكە ئايلىنىشنى ئۈمىد قىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ئىران بازىرىدا جانلىنىشغا موھتاج بولدى.

  ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خەلقئارا سىياسىسىدە ئۇزاق مۇددەت ھەل قىلىش قېيىن بولغان زىددىيەتلەر توپلانغان. پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى، سۇرىيە كىرىزىسى قاتارلىق رايون ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى، مۇساپىرلار مەسىلىسى قاتارلىقلار دۇنياغا زور جاراھەتلەرنى ئىلىپ كەلدى.

  ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى چوڭ دۆلەت، رايون ۋەزىيىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىنمىل ئىراندا زىيارەتتە بولغاندا، ئىران تەرەپ بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى. چۇ دۇەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئىران رايون مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىدە مۇھىم رول ئويناپ، ياۋروپانىڭ نۆۋەتتىكى مۇساپىرلار كىرىزىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رايون داۋالغۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر