- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋات ناھىيەسىدە «تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى
2016.02.06 12:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات-تەربىيە مەركىزىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىدە 2016-يىللىق مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، قانۇن-تۈزۈمدىن ئىبارەت «تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، «پەن-تېخنىكا قىشلىقى» پائالىيىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىلدى.
ئوقۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقى «تۆتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش پائالىيىتى» 24-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە بىر ھەپتە قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا كىتاب ھەدىيە قىلىش، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، داۋالاش ۋە دورىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىنغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر