باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدىكى ئۇرۇش يەنىلا شىددەتلىك داۋاملاشماقتا

2016.02.09 12:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى ۋاقتىنچە توختىغاندىن كىيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇرىيەدىكى ئۇرۇش يەنىلا شىددەتلىك داۋاملاشماقتا.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون، 4- فېۋرال لوندوندا سۇرىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشىگە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىققا دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇرىيەدىكى ئۇرۇش يەنىلا شىددەتلىك ئىلىپ يېرىلماقتا.

  بان كېمون، 4-نۆۋەتلىك سۇرىيە ئىنسانپەرۋەرلىك ئىئانە توپلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: تىنچلىق سۆھبىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يوللىرىنىڭ داۋاملىق كەمچىل بولغانلىقى، سۇرىيەگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆپەيگەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە سۇرىيە خەلقئارا قوللاش گۇرۇپپىسىنى سۆھبەتكە قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئەستايىدىل سۆزلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  بان كېمون مۇنداق دېدى: سۇرىيە كىرىزىسىنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، سۇرىيە مەسىلىسىنى قوراللىق ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، سىياسىي جەھەتتىن سۆزلەشكەندىلا ئاندىن سۇرىيە خەلقىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا 3-فېۋرال جەنۋەدە، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپلىگەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى كەچتە، دىمىستۇرانىڭ ئىشخانىسى، 25- فېۋرال، ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4- فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھۇجۇمى تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دېگەن ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتىلغان ئەيىبلىشى، ئۇلارنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بىلىشىنىڭ يالغانلىقىنى كۆرسەتتى. سىرتقى كۈچلەر بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر سىياسىي نىقابقا ئورىنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىدە ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنماقتا.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا سۆزلىشىش ئارقىلىق ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىدىكى پوزىتسىيەسى قەتئىي ۋە كەسكىن.

  رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىپ قوللىشى ئارقىسىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان، شىمالىي قىسىمدىكى كۆپلىگەن ئۇرۇش لىنىيەسىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 3- فېۋرال ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ شىمالى قىسىمدىكى ھەلەپ ئۆلكىسىدىكى ئىككى كېچىك بازارغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك قامالىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 2-فېۋرال، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەلەپ ئۆلكىسىدە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ بازىسى بىلەن تۈركىيە چېگراسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر تولۇقلىما لىنىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

  ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىردا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئايرىم ئايرىم ھالدا جەنۇبىي دىرا ئۆلكىسى ۋە شىمالى لاتەقىيە ئۆلكىسىدە ئىككى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى قايتۇرۇۋالدى.

  نۆۋەتتە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى كونترول قىلىپ تۇرغان رايونىدىكى نوپۇس ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر كونترول قىلىپ تۇرغان رايونلاردىكى نوپۇسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كونترول قىلىپ تۇرغان زېمىنى تەدرىجىي كېڭەيدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: باشار ھاكىمىيىتى ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشمەكتە، بىراق ئۇرۇش سېپى ئۇزۇن ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى كۈچى جىددىي بولغاچقا، تەل توكۇس غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە يەنىلا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار ساقلانماقتا.

  ئۇندىن باشقا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەردىن سىرت، سۇرىيە تەۋەسىدە يەنە كورد ۋە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق قوراللىق كۈچلەر بولۇپ، ئۇلارمۇ سۇرىيەنىڭ كۆپلىگەن زېمىنىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى گاجىلوف 4-فېۋرال تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىنچە ئۈزۈلۈپ قىلىشى رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىش. گەرچە سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى ۋاقتىنچە توختىغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشتەك تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيە كۆپ قېتىم ، رۇسىيە ، سۇرىيە خەلقى ۋە سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ.

  شۇ كۈنى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا تۈركىيە سۇرىيە چېگراسىدىكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى كۆزەتتى، ھەمدە بارغانسېرى كۆپ ئالامەتلەرنى بايقىدى. بۇنىڭدىن تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت بولغان سۇرىيەگە قوراللىق ئارىلىشىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىدىن گۇمانلاندى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيە تەرەپنىڭ باياناتچىسى ئەخمەت 4- فېۋرال ، ئەگەر ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ سۇرىيەگە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قوزغايدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبسىتانىڭمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۇرىيە توقۇنۇشى پارتلىغان بەش يىلدىن بۇيان، 250 مىڭ كىشى قازا قىلدى، 4 مىليون 600 مىڭ كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتتى، تەخمىنەن 13 مىليون 500 مىڭ سۇرىيەلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر