باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇمشۇق شەھىرىدە ئىجتىمائىي ئىشلار پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا

2016.02.06 12:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («زەرەپشان گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئەھمەد مۇھەممەد) يېقىندا تۇمشۇق شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي ئىشلارنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، تەۋەلىك رايونلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  2015-يىلى تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەلق ئاممىسىغا قىلغان ئون تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشنى ئاكتىپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن: تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلغان، تەۋەلىكنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا سۇ باشلانغان، شوركۆل كوچا باشقارمىسى ۋە يولىنى ئۆزگەرتىش تاماملىنىپ قاتناش باشلانغان، 17كونا ئولتۇراق رايون، توغراق باغچىسى ۋە كوچا مەركىزى باغچىسىنى ئۆزگەرتىش تاماملانغان، ئامان-ئېسەن شەھەر ۋە سىپىرلىق شەھەر باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلانغان، شەھەر رايونىغا ئالتە ھاجەتخانا سېلىش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن 1000يۈرۈش سېلىش، خاتىرجەم كۆكتات، گۆش يېمەكلىكلىرى دۇكىنىدىن ئىككىنى سېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، يېڭىدىن 2000مو يەرگە كۆچەت تىكىلگەن، «ئۈچ ساراينى بىرلەشتۈرۈش» تۈرىگە ئىش باشلانغان، ئىختىساسلىقلار ئولتۇراق رايونى، ئىجتىمائىي رايون مۇلازىمەت مەركىزى تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  تۇمشۇق شەھىرى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-بازاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 2768گە يەتكۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر رايوندا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1850كىشىگە، شەھەر-بازاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق %0.96تۆۋەنلىتىلگەن؛ مېيىپلاردىن 372كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مېيىپلار كاپالەت مەبلىغىدىن 543مىڭ يۈەن يىغىلغان. يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، تەربىيەلەش كۇرسىدىن 15قارار ئېچىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەش تۈەن-مەيداننىڭ ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىدىن 5800كىشى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ خىزمەتتە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ قاپلىنىش سانى 31655كىشىگە يېتىپ، بۇ يىل ئىچىدە تۈرلۈك سۇغۇرتىغا 242مىليون يۈەن تاپشۇرۇلۇپ، يىغىلىش ۋە تاپشۇرۇلۇشى %100كە يەتكەن.

  مائارىپ ئىشلىرى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر ۋە تۇمشۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 3-شى 2-ئوتتۇرا مەكتىپى، كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ پىراكتىكا (مەشىق) بىناسى، ياتاق بىناسى قاتارلىق مائارىپ تۈرلىرىگە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش بايلىقىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى تەدرىجىي كېڭەيتىلگەن. كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى مۇقىم ئاشۇرۇلۇپ، تۇمشۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 3-شى 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئۆرلەش نىسبىتى %42دىن ئاشۇرۇلغان.

  سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بىڭتۈەننىڭ 2015-يىللىق يېمەكلىك، دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدە تاسادىپىي كۆرۈلگەن ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مانېۋىر كۆرەك يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغان. دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كۆرۈش، دىياگنوز قويۇش، كەسپىي كىرىمى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن؛ تۆت پۇقراۋى دوختۇرخانىنىڭ 2015-يىلى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرۈش سانى 32مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، كەسپىي كىرىمى خېلى زور دەرىجىدە ئاشقان. يېمەكلىك، دورىلارنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلانغان، خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال بالنىست بىناسى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 1-مەھەللىنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكەن.

  مەدەنىيەت ئىشلىرى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلغان. تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈندىدار سەھنىسى ئېچىلىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاخبارات تەشۋىقاتى كۈچەيتىلگەن. ئىشچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى مول مەزمۇنلۇق ۋە ھەرخىل بولۇپ، دولان مۇقامى ئورۇنداش، پۈتكۈل خەلق كىتاب ئوقۇش، «1-ئىيۇل» ناخشا مۇسابىقىسى قاتارلىق 14مەيدان چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى يىل بويى ئېلىپ بېرىلغان. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چوڭقۇر قېزىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزىدىن 79تەكشۈرۈلۈپ، 66نىڭ تەۋەلىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

  نىشانلىق ياردەم بېرىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «ئۈچ ساراينى» بىرلەشتۈرۈش تۈرى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، ساۋخۇ بازىرىنىڭ كەسىپلەر باغچە رايونىغا 2مىليون ئۇرچۇقلۇق پاختا توقۇمىچىلىق تۈرى نۇقتىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى قىلىنغان؛ دۇڭكېڭ بازىرى، شېگاڭ بازىرى بىلەن ئالاقە باغلاش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن؛ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ داۋالاش، مائارىپ ساھەسىدىكى مۇھىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، كەسپىي تېخنىكا تەرەپلەردە يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىنىپ، تېخنىكا ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلىرىنىڭ 3-تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئالماشتۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر