باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا 1- ئايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.9كە چۈشتى

2016.02.06 12:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ 5-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدا ئامېرىكىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى داۋاملىق ياخشىلانغان بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.9كە چۈشكەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى ئايدا ئامېرىكىدىكى يېزا ئىگىلىكتىن سىرت تارماقلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن خىزمەت ئورنى 151 مىڭ بولۇپ، بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان، بىراق ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇر 12-ئايدىكى %5تىن %4.9كە تۆۋەنلىگەن، بۇ پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت بولغان.

  1- ئايدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سائەتلىك مائاشى 25.39 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 12 دوللار ئاشقان. ئىشلەۋاتقان ۋە خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار نوپۇسىنىڭ ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتى %62.7 بولغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر