باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن قۇرۇلمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.02.04 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-فېۋرالدىن 2-فېۋرالغىچە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جيەنخۇا، رەئىسى ليۇ خۇينىڭ ھەمراھلىقىدا، گۇيۈەن، يىڭچۈەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ھەر مىللەت ئاممىسىغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

  گۇيۈەن كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى شۇنداقلا مەركەزلىك تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايون. لى كېچياڭ ئەگىر-بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ ئاپتوموبىل بىلەن بىر سائەتتە ئەڭ نامرات بەنزىگۇ كەنتىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، تۆۋەن كاپالەت سەۋىيەسى، كېسەل كۆرسەتكەندىكى ئاتچوت قىلىش سەۋىيەسى، ئىچىدىغان سۇنى ئەكىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك يول يۈرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۆپچىلىك بۇ جايدىن بالدۇرراق كۆچۈپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى تەبىئىي شارائىتى ناچار جايدىن كۆچۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن داۋالىنىش، سەپەرگە چىقىش، ئوقۇش شارائىتلىرى ياخشىلىنىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە شارائىت ھازىرلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى چوقۇم غەلىبە قىلىشقا تېگىشلىك ئۆتكەل جېڭى، تولۇقلاشقا تېگىشلىك «كەمچىلىك»، ھەممە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش سېپىدىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك.

  لى كېچياڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركەزنىڭ تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ مەركىزىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتلەردە ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر