باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە پارتىيەلىك كادىرلار قىلسا بولمايدىغان سەككىز ئىش

2016.02.09 12:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتىدە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارغا پاك قىزىل بولاق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزام ۋە قائىدە ئېڭىنى يوقۇتۇپ قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى، چاغان مەزگىلىدە قانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ؟ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىدا بۇ ھەقتە سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاك تەلەپچان بولۇش ھەققىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىپ، قاتتىق بولماسلىق، ھەقىقىي بولماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ،«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇش مىزانى» ۋە « جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پاك، تەلەپچان بولۇشتا يۇقىرى ئۆلچەم قويۇش، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشتا ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك، پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پاك بولۇپ، چىرىكلىكتىن يىراق تۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، بايرام مەزگىلىدىكى چىرىكلىكنى قەتئىي توسۇشى كېرەك، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بايرامدا چەكتىن ھالقىماسلىق، ئىنتىزامغا قاتتىق رائىيە قىلىشنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سەمىگە سالدى.

  بىرىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ساياھەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  ئىككىنچى،ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاتكرىتكا ۋە پوجاڭزا قاتارلىق سوۋغاتلارنى سېتىۋېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۇرۇق تۇغقان، دوست بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش، ساياھەتكە چىقىش قاتارلىق شەخسى پائالىيەتلەرنى قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  تۆتىنچى، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسى ئىشلارغا ئىشلىتىش ياكى ئۆز ماشىنىسىنى ھۆكۈمەت پۇلىغا رېمونت قىلدۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  بەشىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغا، پۇل ۋە ئىستېمال كارتىسى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  ئالتىنچى، شەخسى ئارامخانىلارغا بەلگىلىمىگە خىلاپ كىرىپ چىقىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  يەتتىنچى، توي تۆكۈن، نەزىر چىراغ ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدە پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  سەككىزىنچى، يۇرتداشلار چېيى، مەكتەپداشلار چېيى ۋە سەپداشلار چېيىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ قاتنىشىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر